- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋ گاڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى
2015.12.10 16:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تور بېكىتى بۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى.
پېڭ شۇجې گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى؛ لى جى دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا تەيىنلەندى؛ لو يۈلىن دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق چوڭ كارخانىلار نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە تەيىنلەندى.
ياڭ يۈەنيۈەن دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ پېڭ شۇكيې شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، خو يى دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ياۋ گاڭ جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر