باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا مۇجەسسەملەپ، مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.12.10 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جايلار، تارماقلار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ياخشى ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىپ، كۆپ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېز، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. كېلەر يىلى «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۆلچەردىكى ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ھوقۇقى، مەسئۇلىيىتى ۋە شتات تىزىملىكىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «يېڭى دەۋردە مائارىپنى سىرتقا ئىچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «نوپۇسسىزلارنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى لايىھەسى»، «مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلتىماسى»، «ج خ ئورگانلىرىدا قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە تەرتىپى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «ج خ ئورۇنلىرىدىكى تېخنىكىلىك ۋەزىپە تەرتىپى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەت خۇلاسە دوكلاتى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2016-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر