باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاسماندا تور» ھەرىكىتىدە 863 كىشى قولغا چۈشتى

قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 100 كىشىدىن 18سى تۇتۇلدى

2015.12.10 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن دۇنيا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىرلار 100 گە يەتكەن. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، «ئاسماندا تور» ھەرىكىتى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 863 كىشىنى تۇتقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 738ى چېگرا سىرتىدا تۇتۇلۇپ، 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ھارام مال قايتۇرۇۋېلىنغان. دۆلەتكە ئوغۇرلۇقچە، يوشۇرۇن قايتىپ كەلگەنلەردىن 125نى تۇتۇپ، چەت ئەلگە قېچىش ۋەزىيىتىنىڭ يامرىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسقان.

  مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 4-ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرگە قارىتا «ئاسماندا تور» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، 68 دۆلەت ۋە رايوندا نەتىجىگە ئېرىشىپ، ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن 102 كىشىنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەلدى، يەنى ئامېرىكىدىن 48نى، كانادادىن 34نى، ئاۋسترالىيەدىن 19نى، ئەنگلىيەدىن بىرنى تۇتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ئىككى قاچقۇن جىنايەتچىنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتتى، ياۋروپا تۆت قاچقۇن جىنايەتچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپادا قاچقۇن، ھارام ماللارنى قوغلاش خىزمىتىدە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلدى. قاچقۇنلارنى تۇتۇش جەھەتتە، چېگرا سىرتىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن 738 كىشىنىڭ ئىچىدە، 305 كىشى بىۋاسىتە قولغا ئېلىنىپ، ٪41.3نى ئىگىلىگەن، 300 كىشىنى قايتىپ كېلىشقا نەسىھەت قىلغان، 30 كىشى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلگەن، 103 كىشى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن قولغا ئېلىنغان.

  «ئاسماندا تور» ھەرىكىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان 2015-يىللىق «تۈلكە ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىدە 64 دۆلەت ۋە رايوندىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 692 كىشى تۇتۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى ئون مىليوندىن يۈەندىن ئاشقان 160 نەچچە كىشى بار. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىدە 29 دۆلەت ۋە رايوندىن 105 كىشى تۇتۇلدى، بۇ يېقىنقى ئون يىلدا تۇتۇپ كېلىنگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانىغا باراۋەر.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرغىچە 22-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 100 كىشى ئىچىدىن 18ى قولغا ئېلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر