باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ پىلان تېزىسى يولغا قويۇلغىنىغا بەش يىل بولدى

ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى

2015.12.11 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-دېكابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى (2010−2020-يىلغىچە)» يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارغا قەدەم قويغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىياتى ھازىر ئوتتۇراھال تۆۋەن سەۋىيەدىن ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ بۆسۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. ئېلىمىزنىڭ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلىتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتكە نىسبەتەن، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، ئېلىمىز مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە مۇھىم ئاساس سالدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر