باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12306 رەسىملىك دەلىللەش كودىنىڭ رەسىم ئامبىرى ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ

بىلەت سېتىۋېلىشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە توغرىلىق نىسبىتى ٪70كە يەتتى

2015.12.11 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەسىملىك دەلىللەش كودىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەنمۇ؟ مۇخبىر 10-دېكابىر تۆمۈر يول پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىچىدىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇش بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئېلېكترونلۇق چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلگەن رېئال ۋاقىتلىق ھەرىكەتچان رەسىملەردىن جاۋاب ئىزدىدى.

  ماشىنا ھەرپ ۋە سانلارنى تەھلىل قىلىپ دەلىللىيەلەيدۇ، رەسىم تونۇش جەھەتتە ئادەمگە يەتمەيدۇ

  يېقىندا توردىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئابونتلارنىڭ رەسىملىك دەلىللەش كودىنى بىر قېتىم كىرگۈزگەندىكى توغرىلىق نىسبىتى ئاران ٪8 بولغان، لېكىن 12306 دەلىللەش سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئېكرانىدا كۆرسىتىلگەن رېئال ۋاقىتلىق توغرىلىق دەرىجىسىنى ئىستاتىستىكىلاش نەتىجىسى بۇنىڭغا ئوخشىمىغان.10-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11نى مىسالغا ئالساق، بۇ ۋاقىتتا كۆرسىتىلگەن رەسىملىك دەلىللەش كودى بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە 246249 قېتىم توغرا دەلىللەنگەن، 83767 قېتىم خاتا دەلىللەنگەن، توغرىلىق نىسبىتى ٪74.62 بولغان. مۇخبىر ئالدىنقى بىر نەچچە كۈنلۈك توغرىلىق نىسبىتىنى ئىستاتىستىكىلاش ئارقىلىق، بىلەت سېتىۋېلىش ئىلتىماسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەككەن ۋاقىتتىمۇ، توغرىلىق نىسبىتىنىڭ ٪70 ئەتراپىدا بولغانلىقىنى بايقىغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر