جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم خەۋىرى):11-دېكابر، « جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى» بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭباپىڭسو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ۋاڭ جېڭۋېي جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە گەۋدىلىك تۆھپىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاستىدا قۇرۇلغان، يولداش جۇ ئېنلەي بىلەن يولداش شى جۇڭشۈننىڭ تەستىق سالغانىدى. 60 يىلدىن بۇيان , پارتىيە ۋە دۆلەت تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى، مەركەزنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. 18 - قۇرۇلتاي مابەينىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار مەملىكەتلىك « ئىككى يىغىن » مىللىي تىل - يېزىق تەرجىمە خىزمىتىنى كۆپ قېتىم تەستىق سېلىپ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى دۆلەت مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ « دۆلەت كوماندىسى » بولىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭىدىغان مۇھىم سەھنە. 60 يىلدىن بۇيان، مىللىي تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تولۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن ئورۇنلاپ، مەركەزنىڭ ئەڭ يېڭى روھىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئەينەن يەتكۈزۈپ، زور تۆھپە كۆرسەتتى. جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىدە سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي سەۋىيىسى يۇقىرى كۆپ مىللەتلىك ، كۆپ خىل تىللىق دۆلەت دەرىجىلىك تەرجىمانلار قوشۇنى بار، ئىختىساسلىقلار يىغىلغان مۇھىم جاي. ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ مىللىي تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەسىس قىلىش تەدبىر تامامەن توغرا، مىللىي تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمىتى مول نەتىجىلىك بولدى، مىللىي تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ قوشۇنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
ۋاڭ جېڭۋېي يېڭى ۋەزىيەت شارائىتىدا ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا بەش ئۈمىدنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچى، شەرەپلىك بۇرچىنى ئەستە ساقلاپ، مەركەز روھىنىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇش؛ ئىككىنچى، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشى كېرەك . ئۈچۈنچى، ئىسلاھ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇش؛ يۆتىنچى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئەڭ گۈزەل جۇڭگو ئاۋازنىڭ تارقاتقۇچىسى بولۇش؛ بەشىنچى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، « ئۈچ ئالاھىدە» ياخشى كادىر ئۆلچىمىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولۇش.
مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىدە موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، يىزۇ، جۇاڭزۇ بۆلۈملىرى ھەم تەتقىقات ئىشخانىسى، ئۇچۇر باشقارمىسى قاتارلىق 16 تارماق تەسىس قىلىنغان. ھازىر ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچى 200 گە يېتىدۇ.
سۆھبەت يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقانلار كەسىپى خادىملارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى ئىكىسكۇرىسىيە قىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى