سۈرەتتە: 16-دېكابر، جۇڭگو ساقچى تەرەپ نەنجىڭ لۇكۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا كورىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا جىنايەت گۇماندارى جياڭ تەيروڭنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2007 -يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، جياڭ تەيروڭ باشقىلار بىلەن بىللە كورىيەدە يۇقۇر باھالىق پايدا بېرىش نامى بىلەن 30مىڭ كىشىنىڭ تەخمىنەن يەتتە مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان . 2008- يىلى نويابىردا، جياڭ تەيروڭ كورىيەدىن جۇڭگوغا قېچىپ كەتكەن، كورىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جياڭ تەيروڭغا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا قىزىل رەڭلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئېلان قىلغان. كورىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، ج خ مىنىستىرلىقى دەرھال ئالاقىدار يەرلىك ج خ ئورگانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىزدەپ تېپىش ۋە تۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
ئىككى دۆلەت قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ زىچ ماسلىشىشى ئارقىلىق، بۇ يىل 10-ئۆكتەبر، جياڭ تەيروڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىدە قولغا چۈشتى. جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇناسىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ئۇنى كورىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى