خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، ئەخەتجان ئابلىز فوتوسى: شىنجاڭ تىلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنۋېرسال سەنئەت قانىلى «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگىراممىسى يېقىندا قەشقەر شەھىرىدىكى بىر مىليۇن يۇەنگە يېقىن مەبلەغ چىقىرىپ «قۇتبىلىك كۈتۈپخانىسى»نى قۇرۇپ چىققان 22 نەپەر مىللىي كارخانىچى ۋەكىلىنى ۋە قورغاس ناھىيە «خەيرىيە» كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، «ئەلنى سۆيۈندۈرگەن شەخسىي كۈتۈپخانىلار» دېگەن مەخسۇس تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئېگىلىنىشىچە، بۇ سان پىروگىرامما 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى كۆرسىتىلىدىكەن.
سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بىر كۆرۈنۈش
مەنبە: خەلق تورى