باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىشنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؟

2015.12.16 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يېرىم كۈن قانداق دەم ئېلىش كېرەك؟ خېبېي، جياڭشى، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار يېقىندا پىكىر ئېلان قىلىپ، شارائىتى بار ئورۇنلارنى ئېلاستىكلىق مەشغۇلات تۈزۈمى يولغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلاپ دەم ئېلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان دەم ئېلىش مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى.

  ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئىستىراھەت دەم ئېلىش ئېلىمىز خەلقىنىڭ قاتتىق ئېھتىياجىغا ئايلاندى. دەم ئېلىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى ھەممىگە ئايان، لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ «قىستاڭچىلىق» مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. بايراملىق دەم ئېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش ئەندىزىسى قىستاڭچىلىقنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا تەقەززا بولدى.

  لېكىن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى قارالمىلىرى تالاش-تارتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش «قوشۇپ دەم ئالغانلىق» ھېسابلىنامدۇ؟ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمەلىيلەشتۈرمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ «باشقىلار دەم ئالسا مەن ئىشلەمدىم» ... بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئىنتايىن كۆپ، بۇنىڭ ھەممىسى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەم ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مەركەزلەشكەن. جايلارنىڭ پىكرىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «شارائىتى بارلارنى رىغبەتلەندۈرۈش» ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش ئەندىزىسىنىڭ چەكلەش شەرتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»گە ئاساسەن، چوڭ ھېيت-بايراملاردا نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىش ۋە ئېلاستىكلىق مەشغۇلات بېكىتىشتە، ھەپتىدە 40 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى شەرتى ئاستىدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئىككى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش ئەندىزىسى تەشەببۇسىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن بىر تاياقتا ھەيدىگەندە سىياسەتنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر