خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى قۇرۇلتىيى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ۋيجېندا رەسمىي ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي «ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمبەھىرلەپ ئورتاق ئىدارە قىلىش __ تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ج ك پ باش شۇجىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەققىدە 5 تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ: تور بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق پائالىيەت بوشلۇقى بولۇپ، تور بوشلۇقىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىگىلىشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى لازىم، دېدى. بۇنىڭغا قارىتا شى جىنپىڭ بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچى: يەرشارى تور ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاقە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى.
ئىككىنچى: توردىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش-ھەمبەھىرلەش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالماشتۇرۇش-ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى.
ئۈچۈنچى: تور ئىقتىسادىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى.
تۆتىنچى: تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرتىپلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى.
بەشىنچى: ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئادىل باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرەيلى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى