باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى سەككىز نەپەر ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش قوندىغا ئېرىشتى

2015.12.17 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى سەككىز نەپەر ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ( ئائىلە ) يېقىندا ، جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ چوڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشتى. 16 - دېكابىر مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر بىر ئادەم بىر قېتىمدا 30مىڭ يۈەندىن 100مىڭ يۈەنگىچە قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشىشكە بولىدىكەن.

  بۇ يىل 9-ئايدا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ( ئائىلە )غا بولغان يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەر فوندى جەمئىيىتى مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ( ئائىلە ) چوڭ كېسەللىكلەرنى داۋالاش - ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مەملىكەت بويىچە ھەر نۆۋەتلىك تەقدىرلەنگەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ئېغىر يارىلىنىپ تېخى ساقايمىغان، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، داۋاملىق داۋالىتىشقا تېگىشلىك بولسا ياكى ئائىلە ئەزالىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ۋە تۇرمۇشتا بەكلا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ بىر قېتىملىق قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر