نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ياشقا قاراپ كىيىنىش، ياسىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 87 ياشقا كىرگەن موماي خېلېن بۇنداق دەپ قارىمايدىكەن. يېقىندا ئۇ پارقىراق ھالرەڭ كۆڭلەك كىيىپ يەنە بىر قېتىم ئېقىم ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.
ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق خېلېن رەڭلىك، پارقىراق، زامانغا ماسلاشقان مودا كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە ئامراق بولغاچقا، تورداشلار ئۇنىڭغا « ئەڭ مودا موماي » دەپ باھا بەرگەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئالاقە تور بېتى Instagram دىكى ئەگەشكۈچىسى 1 مىليون 700 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، داڭلىق چولپانلاردىن رېخانا، مەرى سەيلىس قاتارلىقلارمۇ ئۇنىڭ مەستانىسى ئىكەن.