باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى بۈگۈندىن باشلاپ قاراپ چىقىلىدۇ: «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2015.12.21 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى بۈگۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئېچىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئىلگىرى ئىككى قېتىم قاراپ چىقىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۈچىنچى قېتىم قاراپ چىقىلىدىكەن؛ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ماقۇللانغاندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق يىغىندا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن.

  نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ: ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ بىر تۇتاش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىنىدۇ «بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولۇش» سىياسىتى 2013-يىلى ماقۇللانغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزمىدى، لېكىن تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللاپ، «بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  قانچە پەرزەنتلىك بولۇشقا قارىتا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەت مۇقىم يولغا قويۇۋاتقان تۇغۇت سىياسىتى ئاھالىلەرنى كېچىكىپ توي قىلىپ، كېچىكىپ بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بىر بالىلىق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ قانۇن-نىزام، بەلگىلىمىلەرنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ياكى ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى بەلگىلەيدۇ.

  يۇقىرىدا ئېيتىلغان قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن، جايلار ئارقا-ئارقىدىن كونكرېت چارىلەرنى ئېلان قىلىپ، «بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن تەپسىلىي قائىدە ئېلان قىلغان ۋاقىت بىردەك بولمىغاچقا، جايلارنىڭ يولغا قويغان ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمىدى.

  بۇ قېتىمقى «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىدە «بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىر پەرزەنتلىك بولۇش» تەشەببۇس قىلىنمىدى، بۇ پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىدىكى ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى 1-پەسىلدە مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم ئۆلكە، رايون، شەھەرلەردە «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۆلچەرلەندى.(شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر