خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىز ئايروخانقىزلار سۆيۈپ قويغان ئالمىىنى سېتىۋالامسىز؟ يېقىندا، تورداشلارنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، بەزى ئايروخانقىزلار ئۆزلىرى سۆيۈپ قويغان ئالمىنى توردا سېتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئەمەس، بەلكى نەچچە يۈز نەپەر ئايروخانقىز ئۆزلىرى سۆيۈپ قويغان ئالمىلارنى توردا سېتىشقا قاتناشقان.
مۇخبىر مەلۇم مال سېتىۋىلىش تور بېكىتىدە «ئايروخانقىزلار سۆيۈپ قويغان ئالما» دېگەن خەتنى ئىزدەش ئارقىلىق، ئايروخانقىزلارنىڭ ھەقىقەتەن توردا ئۆزلىرى سۆيۈپ قويغان ئالمىنى سېتىشقا باشلىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ «500نەپەر ئايروخانقىز سۆيۈپ قويغان ئالما»، «سىز پەقەت 9.9يۈەن خەجلىسىڭىزلا ئايروخانقىزلارنىڭ سۆيگۈسىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەلەيسىز»، «500نەپەر ئايروخانقىز سىزگە ئاجايىپ قايناق قىزىل لەۋ ئاتا قىلىدۇ» دېگەندەك شوئارلار بىلەن سۆيۈپ قويۇلغان ئالما سېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئايروخانقىزلارنىڭ بۇ ئاددىي ھەم بىۋاستە ئېلان سۆزلىرى نۇرغۇن تورداشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، تورداشلارمۇ بۇنىڭغا قىزىقىپ توردىن ئۇلار ساتقان ئالمىلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى