باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەردە «سۆي كىتاب سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.21 10:58   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەردە «سۆي كىتاب سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فۇتۇسى) 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىغا جايلاشقان «كۆۋرۈك تىل تەربىيلەش مەركىزى» كۈتۈپخانىسىدا، «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 7-قېتىملىق سۆي كىتاب سۆھبىتى بويىچە <كۆۋرۈك تىل تەربىيلەش مەركىزى>دىكى پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ 120دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

  پائالىيەت قەشقەر «سۆي كىتاب» جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت جۈمە تۇپراقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئابلەت جۈمە ئەپەندىنىڭ كىتاپ ئوقۇشنىڭ خاسىيتى توغرىسىدىكى پاساھەتلىك سۆزلىرى سورۇن ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئاندىن ئامىنىگۇل نۇرۇللا، ئاينۇر ئوسمان خانىم، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى مۇختەر ئەمەت، ئابدۇكېرىم ھامۇق ھاجى قاتارلىقلار ئالتىنچى قېتىملىق پائالىيەتتە تارقىتىلغان «ئۈنۈمدار كىشلەرنىڭ يەتتە ئادىتى» ناملىق كىتاپتىن ئالغان تەسىراتىنى ئوقۇدى. ئاندىن ئوسمان مۇھەممىدى قارا قۇتلۇق «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قەشقەردىكى ئىككى تامچە يېشى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ سورۇن ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئاندىن ئاتاقلىق يازغۇچى ئابلا ئەھمىدى مەدىكار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. سۆي كىتاپ سۆھبىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ھامۇق ھاجى ئۆزىنىڭ 80ياشقا كىرگەندىكى يازغان تۇنجى شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىنلا پائالىيەتنىڭ ئىككىنجى قىسمى بولغان «كۆۋرۈك تىل تەربىيلەش كۈتۈپخانىسىنى قۇرۇش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئابدۇرېھىم قادىر ئەپەندى «كۆۋرۈك تىل تەربىيلەش كۈتۈپخانىسى» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئاندىن «سۆي كىتاپ» جەميىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ھامۇق ھاجىم كۈتۈپخانا قۇرغۇچىسى ئېزىزجان ئەخمەتكە نام ئاتاق ئابىدىسى تەقدىم قىلدى، ئاندىن ئېزىزجان ئەخمەت ئۆزىنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇش جەھەتتىكى مەقسىتى، بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەمدە جەميەتتىكى ئوقۇرمەنلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. «سۆي كىتاپ» جەمئىيىتى ئەزالىرى بۇ كۈتۈپخانىغا 2000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپنى ھەقسىز سوۋغا قىلدى. ھەم جەمئىيەت بۇ كۈتۈپخانىغا 6000 يۈئەنلىك كىتاپ ئېلىپ بىرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كىيىن داۋاملىق تۈردە بۇ كۈتۈپخانىنىڭ كىتاپ سانىنىڭ 10000مىڭ خىلدىن ئاشقۇچە داۋاملىق ياردەم قىلدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا جۇڭگو ئارزۇسى مېھرى-شەپقەت فوندىنىڭ يېتەكچىسى ھاجى ھەبىبە تۇيغۇن ئاپپاي سۆز قىلدى. بۇ ساخاۋەتچى مىھرىبان ئاپپاينىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزى سورۇن ئەھلىنىڭ يۈرىكىنى تىترەتتى. ئۇ يېقىنقى مەزگىلدە قەشقەردە بەش يەردە كۈتۈپخانا ئېچىشقا بىر مىليون يۈەن ياردەم بىرىدىغانلقىنى بىلدۈردى. بۇ چاغدا ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى
      ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ
      ·10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ
      ·شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېدا ئوقۇشنى خالايدىغانلار ھازىردىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ
      ·شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمى 2016-يىلىد…
      ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ ئىگىلىك تىكلەشكە بولىدۇ