زۇلپىقار ئابابەكرى ئىكىسكۇرسىيەچىلەرگە ئۆزىنىڭ يېڭى لايىھەلەپ پىشۇرغان ساپال بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەردىكى ساپالچىلىقنىڭ 7-ئەۋلادى ۋارىسى بولغان 64ياشلىق ساپالچى تۇرسۇن رۇستەم بۇ يەردىكى ئەڭ كەسپىي ساپالچى. گەرچە ئۇنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر ئىگىلىيەلمەيدىغان ماھارىتى بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېمپراتۇرانى كونترول قىلىش جەھەتتە يەنىلا بەكمۇ توغرا قىلالمايتتى، ھەمدە خۇمداننىڭ ئىسسىقى تەكشى بولمىغانلىقتىن، پىشۇرۇپ چىقارغان ساپال بۇيۇملارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاران %70ئەتراپىدا ئىدى.
2013-يىلى، زۇلپىقار ئابابەكرى تۇرسۇن رۇستەمنى ئۇستاز تۇتۇپ، تۇرسۇن رۇستەم جەمەتىنىڭ «8-ئەۋلاد ساپالچىلىق ۋارىسى» بولۇپ قالدى. ئۇستازى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ياش شاگىرتنىڭ ئىدىيەسى ئەركىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سازلىرى ۋى گۈل نەقىشلىرىنى ساپالغا بېسىپ چىقىرىشقا ماھىر ئىدى، يەنە تېخى يېڭى تېخنىكىلارنى ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىقتا ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. 2015-يىلى يازدا، زۇلپىقار بىر يۈرۈش توكلۇق خۇمدان سېتىۋېلىپ، زامانىۋىي مۇھىت ئاسرايدىغان تېخنىكىنى ئەنئەنىۋىي ساپالچىلىقتا ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرسۇن ئۇستاممۇ سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن بازىرىدىن توكلۇق خۇمدان ۋە يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى. 12-ئاينىڭ باشلىرىدا، شۇ يەرلىك توك تەمىنلەش تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە، بىرىنچى توكلۇق خۇمدان قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ئارايولدىكى دۇكاندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. توك ئارقىلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەنگەن خۇمداندا تېمپىراتۇرا مۇقىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە خۇمدان ئىچىدىكى ئىسسىقلىق تەكشى بولدى، بىرىنچى قېتىم پىشۇرغان ساپال بۇيۇملارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى