باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى

مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى شۇ مەكتەپكە ئىمتىھان بەرسە مەكتەپكە دوكلات قىلىپ ئەنگە ئېلىشى كېرەك

2015.12.23 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2016-يىللىق قىسمەن ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەستىقلاش، ئىمتىھان ئېلىش، تاللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مەكتەپ ئىچىدىكى ئىنىستىتۇت(فاكۇلتېت، بۆلۈم قاتارلىق ئورۇنلار)نىڭ مۇستەقىل مەسئۇل بولۇشىغا تاپشۇرۇشىنى قاتتىق چەكلىدى. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، ئىچكى تەسىس قىلغان ئىنىستىتۇت(فاكۇلتېت، بۆلۈم قاتارلىق ئورۇنلار) ۋە ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى تەكرارلاشقا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم چەكلەنگەن.

  مائارىپ مىنسىتىرلىقى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن باھالىغۇچىلارنى تاللاش، تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، جايلار ياكى ئالىي مەكتەپلەر باھالىغۇچىلار بىلەن مەنپەئەتدار كىشىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن تۇغقانلىق، يېتەكلەش ۋە باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار باھالىغۇچىلار ئىمتىھاندىن بۇرۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىشى ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، كۆز بويامچىلىق قىلغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى شۇ مەكتەپنىڭ ئالاھىدە تۈرىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا قاتناشماقچى بولسا، چوقۇم مەكتەپكە مەلۇم قىلىشى ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر