باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى: شەخس ٪8، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ٪20 ھەق تاپشۇرىدۇ

2015.12.23 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئەڭ يېڭى ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ئىشىچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش چارىسى» ئېلان قىلىنغان. چارىدە، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا شەخس ھەق تاپشۇرۇش مائاش كۆرسەتكۈچىنىڭ ٪8 بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇننىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ٪20 بويىچە ھەق تاپشۇرۇشى بەلگىلەندى.

  بېيجىڭ شەھىرى ئېلان قىلغان چارىدە مۇنۇلار مۇقىملاشتۇرۇلدى: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شەخس ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاش كۆرسەتكۈچى يىغىندىسىنىڭ ٪20 بويىچە، شەخس ئۆزىنىڭ مائاش كۆرسەتكۈچىنىڭ ٪8 بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدۇ. بۇ چارە 2014-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

  شەخسنىڭ مائاشى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ٪300تىن يۇقىرى بولسا، ئاشقان قىسمى شەخس تاپشۇرىدىغان مائاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ٪60تىن تۆۋەن بولسا، شەخس تاپشۇرغان مائاش كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ٪60 بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر