باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بۇ يىل 39 مەيدان سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىندى

2015.12.21 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن مىنىستىر، كومىتېتنىڭ رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش قەرەللىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك خىزمىتىگە ئايلاندى. بۇ يىل 16-يانۋار تۇنجى قېتىم قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئېچىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 39 مەيدان خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئېچىلدى، 70قا يېقىن رەھبەر يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىننىڭ كونكرېت مەزمۇنىدىن قارىغاندا كۆپىنچىسى ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئىچىدە ساپ ئىقتىساد خاراكتېرلىك تېمىدىن 10ى بار. مەسىلەن، 2014-يىللىق خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت، مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى، 2014-يىللىق پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش جەھەتتىكى نەتىجىسى، ماكرو ئىگىلىكنىڭ ۋەزىيىتى ۋە 2015-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋەھاكازالار.ئىقتىساد بىلەن يۈكسەك باغلىنىشلىق، شۇنداقلا كەسىپلەر تەرەققىياتىغا چېتىشلىق باش تېمىدىن «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈپ، تور سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش ۋە تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللار، «ئالاقە تورى +» ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن سەككىزى بار.

  خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىمۇ مۇھىم نۇقتا بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنىدىن سەككىزى ئېچىلدى، داۋالىنىش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپلارنى كاپالەتلەندۈرۈش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش بىلەن مائارىپ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇردى. مەسىلەن، داۋالىنىش جەھەتتە، 2014-يىللىق يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ يولغا قويۇش ئەھۋالى، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى توغرىسىدا تۆت قېتىم خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئاچتى. مائارىپ جەھەتتىمۇ دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە شەھەر، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىككى قېتىم باش تېمىلىق خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئاچتى.(شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر