- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شويگۇ بىلەن ژان يىۋىس لېدىرىيان سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى
2015.12.23 13:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ زىيارەتكە بارغان فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ژان يىۋىس لېدىرىيان بىلەن 21-دېكابىر موسكۋادا ئىككى دۆلەتنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. شويگۇ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ سۇرىيەدىكى ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىكى مەلۇم مەسىلىلەرنى ئېنىقلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن فىرانسىيە سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە پائال ھەمكارلاشماقتا. ژان يىۋىس لېدىرىيان كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: ئورتاق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئىتتىپاقلىشىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر