باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى بەش يىل ئىچىدە يېڭىچە ئېنېرگىيە ئاپتوبۇسىدىن 500نى ئومۇملاشتۇرىدۇ

2015.12.24 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىچە ئېنېرگىيە ئاپتوبۇسىدىن 500 نى ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا تەخمىنەن بۇ خىلدىكى ئاپتوبۇسدىن 100 ى ئومۇملىشىدۇ.

  22-دېكابر، شەھەرلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى « ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە ئاپتوبۇسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى( <2015-2019> )»نى ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يۈرۈشلەشكەن توك قاچىلاش ئۈسكۈنلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى يېڭىچە ئېنېرگىيە ئاپتوبۇسىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشتا ئۈلگىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.

  22-دېكابر، 10 دانە يېڭىچە ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى 34 - يول ئاممىۋى قاتناش لىنىيىسىدە سىناق تەرىقىسىدە قاتنىدى. بۇ بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى يولغا سالغان يېڭىچە ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى بولۇپ قالدى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 114دانە يېڭىچە ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى كىرگۈزدى.

  يولغا قويۇش لايىھىسىدىكى تەلەپ بويىچە، ئاپتوبۇس كارخانىسى ھەر يىلى يېڭىدىن قوشۇلىدىغان، يېڭىلاپ تۇرغان ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى ئىچىدە، يېڭىچە ئېنېرگىيە ئاپتوبۇسى ئىگىلىگەن نىسبەت % 30 تىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 12 مېتىرلىق BRT ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىچە ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى بولۇش كېرەك. ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى ھەر يىلى 1-2 لىنىيە تاللاپ يېڭىچە ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنى قوللىنىشى كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر