خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ جاي ۋاقتى 22-دېكابر، مالايسىيا سېپاڭ، مالايسىيانىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن تۇنجى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى Rayani ئاۋىئاتسىيە تۇنجى قېتىم قاتناش باشلىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئاساسەن، نۆۋەتچى ئايروپىلاندا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىلا تەمىنلەيدۇ( ھايۋانلار چوقۇم ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بوغۇزلىنىدۇ چوشقا گۆشى ئىشلىتىلمەيدۇ)، ھەمدە ھاراق ئىچىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇسۇلمان ئايال ئايروپىلان خادىملىرى چوقۇم بېشىغا ياغلىق چىگىدۇ، مۇسۇلمان ئەمەس ئايروپىلان خادىملىرى ئۆز لايىقىدا كىيىنىشى كېرەك. ئايروپىلان ئۇچۇشتىن ئاۋۋال يولۇچىلار دۇئا - تىلاۋەت مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى