سۈرەتتە: شىنجاڭنىڭ يەرلىك، چوڭ تىپلىق ئىجادىي مۇزىكىلىق تىياتىرى« ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت » دىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىگىلىنىشىچە، « ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت» دۆلەت سەنئەت فوندى نۇقتىلىق قوللىغان نادىر تىياتىر بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى ئورۇنلىغان ئىكەن، ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت سەۋىيەسىگە ئىگە بۇ تىياتىر ئىلگىرى جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ چەت ئەل مەدەنىيىتى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى ۋە 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بۇ قېتىم« ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت »نىڭ داۋاملىق ئوينىلىشى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقىگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى