باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى

2015.12.24 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 2016-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دەل قۇتقۇزۇش، دەل ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش لازىم. مۇھىم تاۋارلار تەمىنات كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،بايرامدىكى بازارنىڭ تىنچ مۇقىم يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جۇڭگوچە بايرام كەيپىياتىنى يارىتىش لازىم. چاغانلىق توشۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامدىكى سەپىرىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئېناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش لازىم. بايرامنى تېجەشلىك ، مەدەنىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىش لازىم. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك تەلەپچان بولۇشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، دىجورنىلىق قىلىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر