باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى

2015.12.11 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-دېكابىر، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىغا يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مەكتەپ رايونى 2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ، ئالدى بىلەن نېفىت-خېمىيەدىكى كۈچلۈك پەنلەردە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ پىلانلانغان ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7200مو، قۇرۇلۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى تۆت مىليارد 300مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئوچۇق مەكتەپ. جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى قاراماي شەھىرىدە تۇنجى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى، ھەمدە تۇنجى قېتىم شىنجاڭ سىرتىدىكى 211قۇرلۇشىدىكى ئالىي مەكتىپىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ مۇدىرى جاڭ لەيبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى قوللىنىشچان تېخنىكە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك بولغان ئىقتىساسلىقلار ۋە ئەقلىي تايانچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر