باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا ياردەم قىلدۇ

2015.12.09 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:8-دېكابر، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ مائارىپ نازارىتى، ئىدارە ( مائارىپ كومىتېتى) ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىدارىسى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان 10 ئۆلكە شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق كەسپىي مەكتەپلەرنى ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزمەكچى. ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى كونكرېت يولغا قويۇلدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ۋە كەسپىي مەكتەپلەر ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش، ھەمكارلىق يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى كۈچەيتمەكچى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەر يەنە پۈتۈن شىنجاڭ ۋە بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكى ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەكتەپلەرنىڭ تېزدىن كەسپىي تەربىيىلەش بازىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى كەسپىي مەكتەپلەر 3-5كىچە بولغان ئۆزگىچە ياكى تايانچ كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىدار ئۆلچەم ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان دەرس سىستېمىسىنى قۇرىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر