باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى

2015.12.18 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) جېجېياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى ئاۋات ناھىيەسىگە ياردەم بەرگەندىن بۇيان، بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، بۇ ناھىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن ئىدى.

  يېقىندا، شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى پۈتۈن سوممىلىق مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاۋات ناھىيەلىك لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىندى. لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاۋشىڭدىن ئاۋات ناھىيەسىگە ياردەم بىرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بولۇپ، مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش مېخانزىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنى ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر داڭلىق مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان.

  ئاۋات لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپىگە 68مىليۇن 770مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن كۆلۈمى 63مو، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 21مىڭ كۋادىرات مېتىر بولۇپ، 1600نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى سىغدۇرالايدۇ. مەكتەپنىڭ تەجرىبە بىناسى، مەمۇرىيەت بىناسى، كۇتۇپخانا بىناسى، ئاشخانا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش بىناسى ئايرىم-ئايرىم سېلىنغاندىن باشقا، پۇتبول مەيدانى، پىلاستىك ماتېرىياللاردىن ياسالغان يۈگۈرۈش يولى، ۋالىبول مەيدانى قاتارلىقلار ئەڭ زامانىۋىي ئۇسۇلدا ياسالغان بولۇپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق، مۇھىتى گۈزەل، تەربىيەلەش شارائىتى ياخشى مەكتەپ بولۇپ قۇرۇپ چىقىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى شاۋشىڭ خەلقى بىلەن ئاۋات خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك دوستلۇق ئابىدىسى بولۇپ قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر