باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يەسلى بالىلىرى ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزىدۇ

2015.12.08 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇندىن كېيىن، شىنجاڭ بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى بار بۇلىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى بالىلارغا تاكى ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخىنى پۈتتۈرگىچە ھەمراھ بولىدۇ.

  7- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار باغچىسى ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇش رويخېتى بىر تۇتاش تۇرغۇزىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ تيانشان رايونلۇق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - بالىلار باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جايلار « مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى » نى بىر تۇتاش ئىشلىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ۋە بىرقىسىم بالىلار باغچىسى ئاللىقاچان بۇ سىستېمىنى بىر تۇتاش ئۆگىنىشكە باشلىغان. پۈتۈن شەھەردىكى بالىلار باغچىسى ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش رويخېتىنى بىر تۇتاش تۇرغۇزۇپ، ئېلېكترونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى ئىلتىماس قىلىپ، ئاھالە كىملىكى نومۇرىنى ئاساس قىلغان بىر تۇتاش نومۇر ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە يەسلى بالىلىرى « بىر ئادەم بىر نومۇر » بولۇشنى يولغا قويىدىكەن، نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئېلېكترونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.

  كېلەر يىلى بۇ ئوقۇش رويخېتى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش رويخېتى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇ خىزمەت ئوقۇش رويخېتى ئۇچۇرىنى يىغىش، كىرگۈزۈش باسقۇچىغا كىردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر