باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى تۆۋەندىكى 10 ئىش تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2015.12.25 11:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىلىق نىزامى يولغا قويۇلۇپ، 170 مىليون كىشىگە نەپ يەتكۈزىدۇ

  زۇڭلى لى كېچياڭ 2015-يىلى 26-نويابىر گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «ئولتۇراقلىشىش ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، 90 مىليون ئەر-خوتۇن شەرتكە ئۇيغۇن كەلدى

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 29-ئۆكتەبىر يېپىلدى، ئۇلارنىڭ سىرتقا ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا «بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش سىياسىتى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ھازىرقى باسقۇچتا ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 90 مىليون ئەر-خوتۇن بار. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا تۇغۇلىدىغان نوپۇسلار بەلگىلىك دەرىجىدە ئېشىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىليوندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، بۇ سىياسەت تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كۆزلىگەن ئۈنۈم.

  ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى كۈتمەكتە

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2014-يىلى 7-ئايدا ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى قانۇن ۋە سىياسەت بەلگىلىمە دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانى 2014-يىلى مەملىكەتنىڭ قىسمەن جايلىرىدا نۇقتىدا سىناق قىلىندى، 2015-يىلى ٪50 جايدا يولغا قويۇلۇپ، 2016- ۋە 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش لايىھەسىنىڭ «دەسلەپكى نۇسخىسى» ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن

  كۆپنىڭ دىققىتىنى تارتقان كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى 2016-يىلى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. 2015-يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىتا مۇنداق دېدى: 2015-يىلى لايىھە تۈزۈلۈپ، 2016-يىلى مەركەزگە مەلۇم قىلىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىنىدۇ ۋە ئېلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، 2017-يىلى يولغا قويۇلىدۇ.

  مېيىپلار مەخسۇس پاراۋانلىق تولۇقلىما تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، 20 مىليون كىشى مەنپەئەتلىنىدۇ

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزالاپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن 2015-يىلى 9-ئايدا «قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلارغا ئاسراش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارغا تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلارغا ئاسراش تولۇقلىمىسى بېرىشنى قارار قىلدى.

  يېڭى ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلىدۇ

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك سۈپەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى 2012-يىلى بىرلىكتە دۆلەتلىك مۇھىت سۈپەت ئۆلچىمى «مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى»نى ئېلان قىلدى. ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ ئۆلچەم مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

  شاڭخەي−كۈنمىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، غەرب-شەرقنىڭ ئارىلىقى قىسقاردى

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 20-ئىدارىسىنىڭ بەش يىل ئىككى ئاي جاپالىق كۈرەش قىلىشى بىلەن 2015-يىلى 17-دېكابىر شاڭخەي −كۈنمىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تونىل − گاڭۋۇ تونىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى.

  شەرقتە شاڭخەيدىن باشلىنىپ، غەربتە كۈنمىڭدە ئاخىرلىشىدىغان شاڭخەي−كۈنمىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى دۆلەتنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈر يول تورى پىلانى»دىكى يولۇچىلارنى تېز توشۇش يولىنىڭ بىرى، ئارىلىقتا شاڭخەي، خاڭجۇ، نەنچاڭ، چاڭشا، گۈيياڭ، كۈنمىڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكە مەركىزىي شەھىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ئۆتىدۇ، پۈتۈن مۇساپىسى 2264 كىلومېتىر.

  شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، بەزى شوپۇرلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2015-يىلى 12-ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مۇھىم ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ.

  كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەر تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى(كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2014-يىلى 4-ئايدا مۇنداق دېدى: 2014-يىلدىن باشلاپ، ئاساسىي تۈزۈم قۇرۇلۇشى، تەدرىجىي تۇتاشتۇرۇش، بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغىلى بولىدۇ.

  تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەر كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىشنى يولغا قويىدۇ

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن 2015-يىلى 8-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش، يىتۈپ كەتكەنلىك ئىلتىماسى سۇنۇش ۋە يوقاتقۇچىنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىش تۈزۈمى ئورنىتىش تېزلەشتۈرۈلىدۇ.

  ئىككى ئايدىن كېيىن، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا «ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش، يىتۈپ كەتكەنلىك ئىلتىماسى سۇنۇش ۋە يوقاتقۇچىنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر