باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ تېكىستى چىقىرىۋېتىلىدۇ دېگەن يالغان

2015.12.18 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بەزى تورداشلار، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار كىتابلاردىن تاللاپ ئېلىنغان ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن، لېي فېڭ، خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي رەھبەرلەر ۋە قەھرىمانلارغا ئائىت تېكىستلەرنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىدىكەن، دېگەن گەپنى تارقاتقان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن ئىنقىلابىي، ئەنئەنىۋى تەربىيەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە كونا بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار سۆزلەنگەن تېكىستتىن 115 پارچە باركەن، بۇنىڭ ئىچىدە رەئىس ماۋزېدۇڭغا مۇناسىۋەتلىك تېكىستتىن 37سى؛ لۇ شۈننىڭ ئەسىرىدىن 18سى؛ لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان، جياڭجې، خۇاڭ جىگۇاڭ، دۇڭ سۈنرۇي، لېي فېڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي قەھرىمانلار تەسۋىرلەنگەن تېكىستتىن بىر قانچىسى باركەن. يۇقىرىقىلار ئوخشىمىغان نەشىردىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر