باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي-زېمىنگە مەبلەغ سېلىش داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، سېتىش كۆلىمى ئاشىدۇ

بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش «دۆلەت ۋەزىپىسى»گە ئايلىنىدۇ

2015.12.25 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ھەققىدە يەشمە 3)

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئۆي-زېمىن مەسىلىسى بېسىلىپ قېلىشنى ھەل قىلىش كېلەر يىللىق قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ بەش چوڭ ۋەزىپىسىنىڭ بىرى، دېيىلدى. ئۆي-زېمىن بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسى قانچىلىك ئېغىر؟ ئۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدا سېتىلمىغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 69637 كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1004 كۋادرات مېتىر ئاشقان. بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسى داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئېلىمىز ئالدىنقى 11 ئايدا يەنە 140569 كۋادرات مېتىر يېڭى ئۆي سېلىشقا ئىش باشلىغان. بۇ يېڭى ئۆيلەرنىڭ داۋاملىق بازارغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر ۋە رىقابەت كۈچى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ بېسىلىپ قېلىش كۆلىمىنىڭ 3 مىليارد 996 مىليون كۋادرات مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە بېسىلىپ قالغان تەييار ئۆي 426 مىليون كۋادرات مېتىر بولۇپ، سېتىش ۋاقتى 23 ئاي، بېسىلىپ قالغان زاكاز ئۆي 3 مىليارد 570 مىليون كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنى ھەزىم قىلىشقا تۆت يېرىم يىل كېتىدۇ. بۇ يىلقى جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا كۆرۈلگەن ئالاھىدىلىك ئۆتكەن 10 يىلدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك ئەھۋالغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

  نى پېڭ مۇنداق دېدى: بېسىلىپ قېلىش بېسىمىنىڭ تەسىرى بىلەن، بۇ يىلدىن بۇيان ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى ئېشىش نىسبىتى داۋاملىق چېكىندى ۋە تېز تۆۋەنلىدى. بۇ يىل ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندىكى ئېشىش نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، 2009-يىلدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە يېقىنلاشتى. ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تۆۋەنلىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان بىۋاسىتە تۆھپىسى ئاران 0.04 پىرسەنت پوئىنىتغا چۈشۈپ، 2000-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى يارىتىپ، مەنپىي ئېشىش يولىغا مېڭىشقا ئاز قالغان.

  ئەمەلىيەتتە، مەركەز بۇ يىلدىن بۇيان ئۆي-زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق نۇرغۇن تەڭشەش، كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنى چىقاردى. بۇ يىل «330 يېڭى سىياسەت»تىن كېيىن، ئۆي قەرز پۇلىنىڭ ئالدىن تۆلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي سېتىۋېلىپ ئىككى يىلغا توشسا تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ مەدىتى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن سېتىش كۆلىمى 1-، 2-ئايدىكى ٪16.3- دىن تەدرىجىي ئۆسۈپ، ئاخىرىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇ يىلغىچە بولغان تاۋار ئۆي سېتىش ئېشىش نىسبىتىنىڭ توغرا بەلگىلىك تەتۈر ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر