باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ چوقۇم دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ»

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.25 14:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 24 - دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى: «ئەڭ ياخشى مۇھىت، ئەڭ ياخشى كەيپىيات ۋە ئەڭ ئېسىل مۇلازىمىتىمىز بىلەن ياخشى ساھىبخانىلىق قىلىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قىشلىق ئو ت م غا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىمىز...»، «پۇرسەتلا بولسا، شىنجاڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ»، دېدى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنىدا مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق ۋە تەشكىللەش ئەھۋالى ھەم شىنجاڭنىڭ قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن شىنجاڭغا يۆتكەلدى، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزىدىغان چوڭ تىپتىكى مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، قىشلىق قار - مۇز تەنھەرىكىتىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا مۇسابىقە. ھازىر مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايون پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارا سەۋىيەلىك، ئىناق، بىخەتەر، ئۇنتۇلغۇسىز، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» كاتتا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈتكۈزۈشكە مەدەت بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ قار - مۇز كەسپى ۋە قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان «300 مىليون كىشىنى قار - مۇز پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش» نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م دە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئاساس سالىدىكەن. مىليون ياش - ئۆسمۈرنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى 2 مىليوندىن، ھەر يىلى سىستېمىلىق تەربىيەلىنىدىغانلارنى 10 مىڭدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭنى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككىلەمچى ئېگىزلىكتىكى كانكى ۋە چاڭغا تېيىلىش مەشىق مەيدانى ۋە مۇسابىقە مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن، دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن مەشىق بازىسى قۇرۇپ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئو ت م غا تەييارلىق قىلىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن؛ تەنتەربىيە كەسپى، بولۇپمۇ قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىشلىق قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدىكەن.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ «ۋاكالەتچىسى»، تەنتەربىيە «ھەۋەسكارى»، ساياھەت «ئىشتىراكچىسى» بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مارشى «قار - مۇزلاردىن ھالقىش» ئېلان قىلىندى. يىغىندا يەنە 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندا، مۇسابىقە پوچتا بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بېرىلدى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى گاۋ جىدەن قاتارلىقلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر