باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى تالىبان قاتارلىقلارنى جازالاش تەدبىرىنى قايتا تەكىتلىدى

2015.12.23 13:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، تالىبان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان شەخس ھەم تەشكىلاتلارنى جازالاش تەدبىرىنى قايتا تەكىتلەپ، جازالانغۇچىلارغا بارىدىغان مەبلەغنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك دېدى.

  قاراردا مۇنداق دېيىلىدۇ: خەۋپسىزلىك كېڭىشى-تالىبان، بازا تەشكىلاتى قاتارلىق زوراۋان ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتلار، قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتلار، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بەك دىققەت قىلىدۇ، ئافغانىستاندا ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

  قاراردا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا، تالىباننىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى.

  قاراردا بارلىق دۆلەتلەردىن ئالاقىدار جازالاش تىزىملىكىدە كۆرسىتىلگەن شەخس، تەشكىلات قاتارلىقلارغا مال مۈلۈكىنى توڭلىتىش، ساياھەتنى چەكلەش، قورال ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، جازالاش تىزىملىكىدىكى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەبلىغى ۋە باشقا ئىقتىساد مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشكە دەۋەت قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر