باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى بەش چوڭقۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ

2015.12.25 14:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەش چوڭ قۇرۇلۇشى بۇ يىللىق غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان 30 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، ھازىر قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 - يىلى دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش سېلىنما كۆلىمى 768 مىليارد 652 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاساسلىقى غەربىي رايوننىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، چوڭ تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش چوڭ قۇرۇلۇش ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولى، شىنجاڭ تۇرپان - پارچە ساقال تاشيولى، شىنجاڭ داشىمىن سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ 100 چاقىرىملىق شامال رايونى شامال ئېلېكتىر بازىسى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر بازىسىدىن شەرقىي جۇڭگوغىچە بولغان ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر يانداشما تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر ئېلېكتىر بازىسىدىن شەرقىي جۇڭگوغىچە بولغان ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر يانداشما تۈرىدە 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ تۈرگە جەمئىي 100 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىدۇ، لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە توك يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.

  داشىمىن سۇ ئامبىرى تۈرىدە 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ تۈر چەرچەن ناھىيەسىدىكى چەرچەن دەرياسى غول ئېقىنىغا جايلاشقان. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 127 مىليون كۇب مېتىر، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمى 60 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 1 مىليارد 962 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.

  تۇرپان - پارچە ساقال تاشيولى ليەنيۈنگاڭ - قورغاس دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 107.1 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 462 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا يىپەك يولىغا تۇتىشىدىغان شەرق - غەرب غول لىنىيەسى تېخىمۇ راۋانلىشىپ، ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يولى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى، بۇ تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتىنى ئاساس قىلىدىغان، قوشۇمچە يولۇچىلار تىرانسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون غول لىنىيەسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىغا تۇتىشىدىغان غول لىنىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ 100 چاقىرىملىق شامال رايونى شامال ئېلېكتىر بازىسى تۇرپان پارچە ساقال، تۇرپان پىچان ۋە قۇمۇلدىكى ئون ئۈچ ئېغىز ئۆي شامال رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پىلانلانغان كۆلىمى 2253 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

  2000 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى يېڭىدىن ئىش باشلانغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى 270كە، سېلىنغان مەبلەغ 5 تىرىليون 607 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر