باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015 - يىللىق چېگرانى مۇستەھكەملەش» مەخسۇس ھەرىكىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى

2015.12.25 13:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» سېپى 2015 - يىلى «ئۈچ قانۇنسىز»نى تۈزەش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى نىشان قىلىپ، سىياسىي خاراكتېرلىك، دىن تۈسىنى ئالغان قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش، توسۇشنى تۇتقا قىلىپ، تۆت ئاچقۇچلۇق ھالقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، «2015 - يىللىق چېگرانى مۇستەھكەملەش ھەرىكىتى» قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى.

  مەركەزنى ئاڭلىق چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، سىياسىي خاراكتېرلىك، دىن تۈسىنى ئالغان قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بىلىپ، ئالاقە تورىنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنى «ئۈچ قانۇنسىز»نى تۈزەش ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نىشانىغا كىرگۈزۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» سىستېمىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، «چېگرادىن كىرىش ئېغىزى، بېسىش ۋە سېتىش، توردا تارقىتىش، توشۇش ۋە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت تۆت ھالقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، «<ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش> خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى»دە بەلگىلەنگەن يەتتە تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى.

  دادىل زىممىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولۇش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ، توردا دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى ۋە شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، بومبا ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش، «غازات» قىلىشقا قۇترىتىش قىلمىشىنى چارلاش، مۇداپىئەلىنىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، نازارەت قىلىش، تورنى تىزگىنلەش، رازۋېدكا قىلىش، چەكلەش، جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ نەشر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش، ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى قانۇن بويىچە ئاشۇرۇپ، توردىن چۈشۈرۈش، ئۆز ئالدىغا لېنتىغا ئېلىش، تەرجىمە قىلىش، چېگرا سىرتىدىكى كىنو - تېلېۋىزىيە دىسكىلىرىنى كۆچۈرۈپ سېتىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»كە ئائىت 55 دېلونى قانۇن بويىچە پاش قىلدى؛ پۇقراۋى پايدا ئالمايدىغان مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەدىيە قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى پايدا ئالمايدىغان مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ساقلانغان، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئەسلى نەشر كىتابلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى «2015 - يىللىق چېگرانى مۇستەھكەملەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بەش چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە ھەمكارلىق مېخانىزمى، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى نەشر بۇيۇملىرى بازىرى، باسما، نۇسخىلاش كارخانىلىرى، نىمكەش يان تېلېفون بازىرى قاتارلىقلارنى ئىككى نۆۋەت، تۆت قېتىم يوشۇرۇن كۆزەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئوقۇپ باھالاش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا ئائىت 46 دېلونى بېجىرىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى ج خ تارماقلىرىغا 74 قېتىمدا 642 قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئەۋەتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش ئىشخانىسى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش ئىشخانىسى يوشۇرۇن كۆزىتىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ۋاقتىدا تەرتىپكە سېلىپ، بازارلارنى تۈزىدى؛ قۇمۇل ۋە خوتەن ۋىلايىتى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇششاق يايمىلارنى باشقۇرۇشنى، شەھەر بىلەن يېزا تۇتىشىدىغان نۇقتىلىق رايونلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «2015 - يىللىق چېگرانى مۇستەھكەملەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈردى.تارماقلار ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇنىۋېرسال ھەمكارلاشقۇچى تارماقلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەزا ئورۇنلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، خىزمەتتە ئۈنۈملۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە ھوقۇققا چېقىلىش، ئوغرى نەشر قاتارلىق قىلمىشلارنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى «25 - ئىيۇن» پەۋقۇلئاددە زور قانۇنسىز ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق پەۋقۇلئاددە زور دېلولارنى پاش قىلدى؛ خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز نەشر قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار يىپ ئۇچى ۋە يۆنىلىشنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش»تە تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولدى؛ ئۈرۈمچى تاموژنىسى نەشر بۇيۇملىرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش يوللىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن 1641 قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى، 308 ئۈن - سىن بۇيۇمىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى؛ قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى توشۇش - يەتكۈزۈش ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 44 يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى، ئەتراپتىكى 400دىن ئارتۇق قولايلىق تاللا بازىرى ھەم كىتاب يايمىسىنى 130 قېتىمدىن ئارتۇق بىرلىشىپ تەكشۈردى.خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈم يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاپتونوم رايونلۇق تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ج خ نازارىتى، ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسى توردا «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۈندىدار، مىكرو بلوگ، مىكرو كىنو قاتارلىق «مىكرو ساھەسى»، «بۇلۇت دىسكا»لارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، شەھۋانىيلىق، «غازات قىلىش»، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىسى، زوراۋانلىق قورالى ياساش تېخنىكىسى قاتارلىق زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئىزچىل پېچەتلەپ، جەمئىي 446 مىڭدىن ئارتۇق تور ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، 26 مىڭ 300دىن ئارتۇق زىيانلىق ئۇچۇرنى، 33 مىڭ 500دىن ئارتۇق شەھۋانىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلدى، دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت 793 ئۈن - سىن ئۇلاش ئادرېسى، 500دىن ئارتۇق قانۇنسىز تور بېكىتىنى پېچەتلىدى، تورغا چېتىلىدىغان 2500دىن ئارتۇق دېلونى پاش قىلدى، توردىكى شىنجاڭنىڭ جامائەت پىكرى ئەھۋالىغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار بۇلتۇر ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 مىڭدىن ئاشاتتى، بۇ يىل شىددەت بىلەن ئازىيىپ، 20 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتكە كەلدى. ئاخبارات - رادىيو - تېلېۋېزىيە - نەشرىيات تارماقلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىش، نۇسخىلاش كارخانىلىرىنى بەش تۈرلۈك تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، يەر يۈزى سۈنئىي ھەمراھ قوبۇللاش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەت» ئارقىلىق «ئالتە خىزمەت ۋەزىپىسى»گە يېتەكچى قىلىپ، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنى يېزا(بازار)، كەنت(مەھەللە)لەردە داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈردى.

  تەرتىپ ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمىتى يىغىنى، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش، 2015 - يىللىق چېگرانى مۇستەھكەملەش» مەخسۇس ھەرىكىتى سۆھبەت يىغىنى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە ھەمكارلىق مېخانىزمى قەرەللىك يىغىنى ئېچىپ، 28 - قېتىملىق مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئاساسىي قاتلامدا قانات يايدۇرۇش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى

  ئىزچىللاشتۇردى، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، مەخسۇس تۈزەش ۋە مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي خاراكتېرلىك قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش - توسۇش مۇندەرىجىسىدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 11 قارار تارقاتتى، «تەڭرىتاغ قۇرۇلۇشى»غا ئەزا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا ئىككى قېتىم ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈپ توسۇش مۇندەرىجىسى يوللىدى. ھازىرغىچە جەمئىي 96 سان ئۇچۇرنى رەتلەپ تارقاتتى، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسىغا مەخسۇس 21 سان يوللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئون پارچىسى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن، 19 پارچىسى جۇڭگو «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» تورى، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» جامائەت ئۈندىدار سۇپىسى تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر