باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.12.25 11:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا يېزا 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلدى؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈردىن توك چىقىرىش، تورغا چىقىش ۋە توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يېزا 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. بىرىنچى، جايلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. چوڭ ئېتىزلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا-ئوبوروت قاتارلىق بازارلاشقان مۇلازىمەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك بىلەن ساياھەت، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئېلېكترونلۇق سودىسى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىش قاتارلىق «ئالاقە تورى +» يېڭى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، كۆپ مەنبەلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى زورايتىش كېرەك. ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەر، يۇرتىغا قايتقانلارنى باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، باشلامچى كارخانىلارنى بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇپ تىجارەت قىلىش، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، دېھقانلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشنى قوللاش كېرەك. سودىلاشقان تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا مۇلازىمەتچىلىك كەسىپلىرىنى ئىجتىمائىي كاپىتالغا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەنپەئەتكە چېتىشلىق مېخانىزم تۇرغۇزۇش كېرەك. باشلامچى كارخانىلارنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلارغا باشلامچىلىق قىلىشى ۋە دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسى ۋە سىياسەت ئارقىلىك يۆلەشتىن بەھرىمان بولىدىغان ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىدىغانلار «ئاساسىي مائاش + پايدا» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلارنى پىششىقلاپ سېتىش باسقۇچىدىكى پايدىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز مالىيەسى مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قوللاپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاشقا ئىشلىتىدىغان توكنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان توك سىياسىتىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز، ئېكولوگىيەلىك جامائەت ئورمىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلاردا بەلگىلىك كۆلەمگە يەتكەنلىرىگە ئېتىبار سىياسەت بويىچە مەدەت بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر