باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» ئېلان قىلدى

دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2015.12.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»دە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ نىشان ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئاساسىي پرىنسىپلار مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت، خەلق، قانۇنغا سادىق، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمەتچىلەر قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر