باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى بايرام»دا پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2015.12.25 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا «ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ 2016-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە «تۆت خىل خاھىش»نى تۈزىتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك ئىنتىزامچان بولۇش نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى مىزانى»غا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامى، بەلگىلىمىسى، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا سېگنال بېرىپ، سەمىگە سېلىپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېجەشلىك بايرام كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر