خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنى 20 - دېكابىردىن 21 - دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، شەھەر تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، كېلەر يىللىق شەھەر خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. لى كېچياڭ شەھەر خىزمىتىنىڭ ھازىرقى مۇھىم نۇقتىسىنى شەرھلىدى، شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئېلىمىز دۇنيا تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى، شەھەر تەرەققىياتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شەھەر تەرەققىياتى پۈتكۈل ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈرتكىسىگە ئايلاندى. شەھەرلەر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركىزى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەرلەرنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى