باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2015.12.24 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى 20 ، 21-دېكابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ 37 يىلدىن كېيىن شەھەر خىزمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەركەز قاتلىمىغا كۆتۈرۈلۈپ مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شەھەر خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى كۆرسىتىپ بېرىلدى، يىغىندا ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىدىغان، ھاياتى كۈچكە باي، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان شەھەر بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەھەر خىزمىتىگە نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  يىغىندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، زامانىۋىلىشىشنى تېزلىىشتە شەھەردىن ئىبارەت بۇ پاراۋۇزنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساپ، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر كېسىلى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنىڭ ئاچقۇچى بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇشتا، يەنى بوشلۇق، كۆلەم، كەسىپتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلمىنى ياخشى پىلانلاپ، شەھەر خىزمىتى ئومۇملۇقىنى ئۆستۈرۈش، پىلان، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى ياخشى پىلانلاپ، شەھەر خىزمىتىنىڭ سىستېمىلىقىنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، پەن تېخنىكا، مەدەنيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ياخشى پىلانلاپ، شەھەرلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جايلىشىشنى ياخشى پىلانلاپ، شەھەرلەر تەرەققىياتىنىڭ ئارابەخشلىكلىكىنى ئاشۇرۇش، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەھەر ئاھالىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسى گەۋدىنى ياخشى پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش. قىسقىسى، شەھەر خىزمىتى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، تۈجۈپلۈك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاشقا كۈچ چىقىرىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ياسىغاندىلا ئاندىن شەھەرلەرنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر