باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانا 1251 گە يەتتى

2015.12.24 13:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانا 1251گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ تېز كۆپىيىشى شىنجاڭغا مەبلەغ ئېلىپ كېلىپ، باج كىرىمىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى ئىگىلىك باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون 2010 - يىلى ئىككى قېتىم باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق بەش تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى بۇ ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولغان.

  باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە ئەلا مۇلازىمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاي ھوقۇقىغا سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. 2015 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانا 1251گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغىنى 954 بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 59 مىليارد 854 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ بازاردىكى قىممىتى 159 مىليارد 478 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باج كىرىمىگە 8 مىليارد 595 مىليون يۈەن تۆھپە قوشتى.

  تەرەققىيات رايونلىرىغا ئايرىم - ئايرىم نەزەر سالغاندا، 2010 - يىلىنىڭ بېشىدىن 2015 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 216گە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 376گە، شىخەنزە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 188گە، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 115كە، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 59غا يەتكەن.

  شىنجاڭ پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى سان بويىچە رەتكە تۇرغۇزغاندا، شىنجاڭدىكى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شىنجىن، جياڭسۇ، تيەنجىن قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان ئالتە رايوندىنلا قالسا، مەملىكەت بويىچە 7 - ئورۇندا تۇرغان. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر