باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇنجى قېتىم قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتى ئىشخانىسىنى تەسىس قىلدى

2015.12.24 17:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قورامىغا يەتمىگەنلەر خىزمىتى ئىشخانىسى يېقىندا رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تۆت دەرىجىلىك قورامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش خىزمىتى ئاپپاراتى تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ ئاساسەن قۇرۇلۇپ بولغانلىقىدىن، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قورامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىش خىزمىتى ئىشخانىسىنى قۇرۇش ئىلگىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارقاقلاشقان ھەر قايسى كەسپىي تارماقلارنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتى بىلەن ئەدلىيە بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش خىزمىتىنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش ئۇنىۋېرسال سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىتسىيىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: مەملىكەت بويىچە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە كەسپىي جەھەتتە ئۇنىۋېرسال يېتەكچىلىك قىلىش ؛ قورامىغا يەتمىگەنلەر جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلولار، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش جىنايەت دېلوسىنى قاراپ چىقىپ قولغا ئېلىش، قاراپ چىقىپ ئەيىبلەش، سوتقا ئەرز قىلىش ھەمدە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى، ھەق تەلەپ دېلوسى، مەمۇرىي جەھەتتە ئەيىبلەشكە نازارەتچىلىك قىلىش پائالىيىتىگە چېتىلىدىغان شەخسى دېلولارغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن، قانۇن قائىدە، سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش؛ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەپتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پىكىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر