باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت يېزىپ جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ تەبرىكلىدى

2015.12.23 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەت يېزىپ، جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 60 يىلدىن بۇيان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تەرەققىي قىلدى، ئىلمىي تەتقىقات، داۋالاش مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەتقىقاتچى تۇ يوۋيوۋ ۋەكىللىكىدىكى بىر ئەۋلاد جۇڭگو تېبابىتى ئىختىساسلىقلىرى تىرىشىپ ئىشلەپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى − جۇڭگو قەدىمكى زامان ئىلىم-پەنىنىڭ گۆھىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى. ھازىر، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتى ۋاقىت، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك جەھەتتە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ مىللىي ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، مىدىتسىنانىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىنى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى خەزىنىسىدىكى جەۋھەرلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئوخشاش ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك بايلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پايدىلىنىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر