باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار «دىلنار خېرىن ئوقۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

2015.12.25 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ «دىلنار» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلنار ئابدۇللا 16 - دېكابىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 24 ئوقۇغۇچىغا 2015 - يىللىق «دىلنار خېرىن ئوقۇش مۇكاپاتى»نى تارقىتىپ بەردى.

  شىنجاڭ «دىلنار» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2007 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىقىتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، مېيىپلەرگىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. بۇ قېتىم بۇ فوندى جەمئىيەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 24 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن «دىلنار خېرىن ئوقۇش مۇكاپاتى» ياردەم پۇلى بەردى. ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دىلنار ئابدۇللانىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپنىڭ «تەكلىپلىك پروفېسسورى» بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر