باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.12.22 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 8-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچاڭ، جاڭ دېجىياڭ، يۇ جىڭشىڭ، لىيۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 2015- يىللىق ئىقتىسادى خىزمىتىنى يەكۈنلەپ، نۆۋەتتىكى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2016- يىللىق ئىقتىسادى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، 13- بەش يىللىق پىلاندىكى تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش . لى كېچاڭ سۆزىدە، كېلەر يىللىق ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى شەرئىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە ۋە جاپالىق ، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ۋەزىپىسىگە قارتا، بىز تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە ئۆتكەن يىلى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادى خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇپ، زور خېيىم خەتەرلىك خىرسلارنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ئىقتىسادى قۇرۇلۇشقا، سىياسىي قۇرۇلۇشقا، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىقتىسادى ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىپ، ئىقتىساد ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى، ئىقتىسادى قۇرۇلما سەرخىللاشتى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشىلىرى چوڭقۇر ئىلگىرى سورۇلدى، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. بۇ يىللىق ئاساسلىق نىشان ۋە ۋەزىپىنىڭ ئورۇنلىنىشى، 12- بەش يىللىق پىلاننىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، ئىلىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيەسىدە تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: يېڭى ھالەتنى تونۇش، يېڭى ھالەتكە ماسلىشىش ۋە يېڭى ھالەتنى يېتەكلەش، نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كىيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ چوڭ لوگىكىسى، بۇ بىزنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئىلىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئارا رولىنى ئونۋېرىسسال تەھلىل قىلىپ چىقارغان زور ھۆكۈمىمىز. شۇڭا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ يىغىنچاقلاپ، سىياسەت جەھەتتە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم ئامىل سەپلەش جەھەتتىكى بۇرمىلاشنى تۈزىتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مۇتلەق مۇھىم ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا بۇرۇلۇش ياساشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. ئىقتىسادىي ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنىڭ يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. ماكرولۇق تەڭشەپ، بازار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ پىسخىك كۆزلىمىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، قوشۇش ئېلىش كۆپەيتىش بۆلۈشنى تەڭ قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنى يادرو قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس ئىگىلىكى بىلەن بايلىق مۇھىتى بوشلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقىغا دەل ياردەم بېرىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. بايلىق سەپلەپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرىلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش-ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى زور تەدبىر، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى يېڭى ۋەزىيىتىدىكى تەشەببۇسكار تاللاش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇشنىڭ غەلىبە قىلىش باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى. شۇنداقلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل، ئىقتىسادى خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەشتە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى، ئىلىمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادى خىزمەتكە بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە 4 ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل، ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىشتەك تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىش باش رىتىمىدە، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ سىياسىتىنى توغرىلاش، مىكرو سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي سىياسەتنى تىرەك قىلىش ئومۇمىي تەپەككۇرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىسادى ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇزۇنغىچە كۈرەش قىلىش، تاكتىكا جەھەتتە يوقىتىش جېڭىنى ئوبدان قىلىش، تىرىشىپ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىسكىلات قالدۇقى، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئىقتىدارىنى تېز يېتىلدۈرۈش، ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈش، داۋاملىق ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىش، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىلى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئومۇمىي تەلەپنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك بەش سىياسىي تۈۋرۈكنى يولغا قويۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئۈچۈن مۇقىم ماكرولۇق ئىقتىسادى مۇھىت يارىتىش، پائال مالىيە سىياسىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ساغلام بولغان پۇل سىياسىتىنى مۇۋاپىق جانلاندۇرۇش كېرەك.

  كەسىپ سىياسىتىنى توغرىلاشتا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتىش كېرەك، ماكرو سىياسەتنى جانلاندۇرۇشۇشتا بازار شارائىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىستېمالچىلار يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە سالماقنى زورايتىپ، ئىسلاھاتنىڭ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئىجتىمائىي سىياسەتنى تىرەك قىلىشتا خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: كېلەر يىلى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بولۇپمۇ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇش، رىتىم ۋە سالماقنى ياخشى ئىگىلەش لازىم. تاكتىكا جەھەتتە، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش لازىم، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىسكىلات قالدۇقى، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش لازىم. سالماقنى زورايتىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش ھەرىكەتلىرىنى تۈگىتىپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكچى بولۇش، قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك يۈرۈشلەشكەن سىياسەت سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈش، تۈرلەرگە بولۇپ تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادىي كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش لازىم. نوپۇسنىڭ شەھەر بازارلىشىش ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈش ۋە تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلىك بولۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى تۈگىتىش، ئۆي مۈلۈك بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم، ئۈنۈملۈك تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك، يېڭى كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، يۇمشاق، قاتتىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كەمكۇسىلىرىنى تولۇقلاپ ، مەبلەغنى ئادەمگە سېلىش سالمىقىنى زورايتىش لازىم، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە، ئوزۇقلۇق ئاشلىق بىخەتەرلىكى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، پۇل مۇئامىلە خېيىم خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرز خېيىم خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش، كۆپ تەرەپلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سىستېما خاراكتېرلىك ، رايون خاراكتېرلىك خېيىم خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى شۇنداقلا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر