باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى تولۇقلاپ سېلىنغان يېزا-بازار پوچتا ئىدارىسىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

2015.12.24 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ 23-دېكابىر ئاشكارلىشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزدىكى 8840 تولۇقلاپ سېلىنغان يېزا-بازار پوچتا ئىدارىسىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، 120مىليون يېزا نوپۇسقا نەپ يەتكۈزۈلگەن. بۇ ئېلىمىزدىكى ھەر بىر يېزا-بازاردا ئاز دېگەندە بىر پوچتا تور نۇقتىسى بارلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.

  دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جۈنشىڭ مۇنداق دېدى: يېزا بازار پوچتا ئىدارىلىرىنى تولۇقلاپ سېلىش – خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ ھەم قۇرالايدىغان ھەم ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. شۇڭلاشقا دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى بىرىكتۇرۇپ، تور نۇقتىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشى، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، پوچتا كارخانىلىرى تىجارەت ئېڭىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما ئېھتىياجلىق بولغان مۇلازىمەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئېچىشقا شارائىت يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر