باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز «12-بەش يىل» مەزگىلىدە 100 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى

كېلەر يىلى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

2015.12.25 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ 2015-يىلى يەنە 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىشىدا ئۈمىد باركەن، «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر 2010-يىلدىكى 166 مىليوندىن كېمىيىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 60 مىليونغا كېمەيگەن.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى تاماملانغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، «12-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. «12-بەش يىل» مەزگىلىدە نامرات ناھىيەلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بىر ھەسسە ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئۇدا بەش يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلار ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. نامرات رايونلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، يول قاتنىشى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كاپالىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش نىشانى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر