- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى بىلەن ئوساكا ئىككى جاينىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كېلىشىم ئىمزالىدى ياپونىيە كېلەر يىلى ساياھەتچىلەرنى يىپەك يولىنى ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ
2015.12.23 15:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-دېكابر، ئۈرۈمچى ساياھەت لىنىيىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۆمۈكى ياپونىيەدىكى تونۇشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۆمەك بىلەن بارغان كارخانىلار يەنە شۇ جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
17-دېكابردىن 21-دېكابرغىچە، ئۈرۈمچى ساياھەت لىنىيىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۆمۈكى ياپونىيە ئوساكا، توكيو ئىككى شەھىرىدە ئىقتىساد-سودا، ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. « يىپەك يولى ساياھەت لىنىيىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىللىق يىغىنى»غا قاتناشقاندىن باشقا، يەنە شۇ جايدىكى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن كۆپ قېتىم مەسلىھەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئاخىرىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ شۆبىسى ياشلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئوساكادا تۇرۇشلۇق شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، 2016 - يىلى ئىككى جاينىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، كوللىكتىپ ساياھەتچىلىكنى ئۆز ئارا كۈچەيتىش، ئۆزئارا ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدەلەشتى .
ئاشكارىلىنىشچە، 2016 – يىل، ياپونىيەدىكى ساياھەت كوپىراتىپى شۇ جايدىكى ساياھەتچىلەرنى تەشكىللەپ ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىپ يىپەك يولىنى ساياھەت قىلىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر