خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-دېكابىر جىنەن شەھىرىنىڭ يەنليۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، بەشىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى يەن جياشو «دۇنيا ئەستە ساقلاش پىرى» گۇۋاھنامىسىنى كۆرسەتمەكتە. 18-دېكابىر، «24-نۆۋەتلىك دۇنيا مېڭە قۇۋۋىتى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى» جۇڭگو چېڭدۇدا ئاخىرلاشتى، جىنەن شەھىرى يەنليۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بەشىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى يەن جياشو 1080 دانە قانۇنىيەتسىز سان، تەرتىپى قالايمىقان قىلىنغان 646 قارتنى بىر سائەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېسىدە تۇتۇپ، ئون تۈردە جەمئىي نومۇرى ئۈچمىڭدىن ئېشىپ، يېڭى دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى بالىلار گۇرۇپپىسى ئابىستراكىت شەكىللەر كۆمۈش مېدالى، مارافونچە قارت مىس مېدالىغا ئېرىشتى. بۇ يىل ئاران ئون ياشلىق يەن جياشوغا «دۇنيا ئەستە ساقلاش پىرى» نامى بېرىلدى، ئۇ ھەم دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىپ «دۇنيا ئەستە ساقلاش پىرى» بولۇپ قالدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى