باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى تارقىتىلدى

2015.12.23 13:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» قوش ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى تارقىتىلىش، شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 22 - دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) باش بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنى تەشكىللەپ، بۇ يىل 4 - ئايدا «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىش ۋە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغانىدى. «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىغا يۈزلەنگەن، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايىنى يەتكۈزىدىغان، توغرا سۆز - ھەرىكەتتە بولۇشقا يېتەكلەيدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمان ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم سەھنە. ھازىر «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى، شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)دا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

  «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ ھەم مۇھىم ئىش بولۇپ، ئاپتونوم رايونمىزنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، «بەش ئاچقۇچ»نى ياخشى ئىشلىتىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇسلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ تەرەپ ئورتاق باشقۇرۇش»تا چىڭ تۇرىدىغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئۇ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىنى توغرا تەشۋىق قىلىش، مۇھىم ئۇچۇرلارنى تېز يەتكۈزۈش، جامائەت پىكىرىنى توغرا يېتەكلەشنى يېڭى سەھنە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان ئىچكى (قوش ئايلىق) ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدىكەن. ئادەتتە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار، مەسچىت، مۇسۇلمان ئامما ۋە ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، دىنىي كۇرس ( نۇقتا) ھەم مىللەت، دىن ئىشلىرىغا ئالاقىدار تارماقلارغا تارقىتىلىدىكەن. شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتىمۇ تەڭلا ئېچىلىپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تور بەتلىرى تەسىس قىلىنغان، تور ئادرېسى www.xjmuslim.com.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر